ئىراننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى خاتەمى ئىسلاھاتچىلارنى سايلامنى بايقۇت قىلماسلىققا چاقىردى

ئىراننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى مۇھەممەد خاتەمى پارتىيەلەردىن ئەزالىرىنىڭ نامزاتلىق سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلانغان تەقدىردىمۇ سايلامنى بايقۇت قىلماي جەسۇر كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى.

1239527
ئىراننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى خاتەمى ئىسلاھاتچىلارنى سايلامنى بايقۇت قىلماسلىققا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى مۇھەممەد خاتەمى، ئىسلاھاتنى تەشەببۇس قىلىدىغان پارتىيەلەردىن ئەزالىرىنىڭ نامزاتلىق سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلانغان تەقدىردىمۇ سايلامنى بايقۇت قىلماي جەسۇر كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى.

ئىران ئىسلاھاتچىلار پارتىيەسى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن خاتەمى، ئىسلاھاتنى تەشەببۇس قىلىدىغان نامزاتلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئاساسىي قانۇننى مۇھاپىزەت قىلىش كومىتېتىنىڭ بىكار قىلىۋېتىشى ۋە سايلامنى بايقۇت قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.

ئىسلاھاتنى ياقلايدىغانلاردىن ھەمكارلىق ئىچىدە سايلامغا قاتنىشىشنى ۋە نامزاتلارنىڭ چىرىكلىككە ئارىلىشىپ قالمىغان بولۇشقا دىققەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان خاتەمى: ئىسلاھاتچىلارنىڭ نامزاتلىق تەلىپى قوبۇل قىلىنماي ناھايىتى ئاز ساندا نامزات قالغان تەقدىردىمۇ، ئىسلاھاتچىلار قابىل، ئېتىقادلىق ۋە جەسۇر كىشىلەر بىلەن سايلامغا قاتنىشىشى كېرەك، دېدى.

ئىراننىڭ ئەڭ سەرخىل قوشۇنلىرىنىڭ چەتكە قېقىلىپ گۇمانلىق ھالەتكە چۈشۈرۈلۈپ قويۇلغانلىقىنى ئېيتقان خاتەمى مۇنداق دېدى: «ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ يىمرىلىدىغانلىقىغا ۋە ئىراننىڭ پارچىلىنىپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلارنىڭ سانى ھەقىقەتەن ئاز، ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ يىمرىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىق كېرەك.ئۆكتىچىلەرنى ۋە تەنقىد قىلغۇچىلارنى بۇ قاتلامغا كىرگۈزۈپ بۇ قاتلامنى تېخىمۇ كۈچەيتمەسلىك لازىم، بىرەر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قالساق، بۇ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىگە قارشى چىققۇچىلارغا باھانە بولۇپ بېرىدۇ.»

سايلامنىڭ قانۇنىيلىقىنى تالاش-تارتىشنىڭ  قىلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن خاتەمى: سايلامنى بايقۇت قىلىش توغرۇلۇق خەۋەرلەر تارقىلىۋاتىدۇ، بۇ تولىمۇ خەتەرلىكتۇر. ھەر قانداق ئەھۋالدا سايلامنى بايقۇت قىلماسلىق لازىم، چۈنكى سايلام خەلقنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەش ئۈچۈن ئۆزى بىۋاستە ئىشتىراك قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ۋاستىلاردىن بىرىدۇر، دېدى.

ئىراندا 2020-يىلى 21-فېۋرالدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىدا ئىسلاھاتنى تەشەببۇس قىلىدىغان نامزاتلارنىڭ نامزاتلىق ھوقۇقى ئاساسىي قانۇننى مۇھاپىزەت قىلىش كومىتېتى تەرىپىدىن بىكار قىلىنىدىغانلىقى توغرۇلۇق تارقالغان خەۋەرلەر ئىراننىڭ قىزىق نۇقتىلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىپ قالدى.

ئىسلاھاتنى ياقلايدىغان سىياسەتچى، ژۇنالىست ۋە يازغۇچى ئەلى شۇقۇھى «ئىتىماد»گېزىتىدە 10-ئىيۇلدا ماقالە يېزىپ، ئاساسىي قانۇننى مۇھاپىزەت قىلىش كومىتېتى، ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە ئىماملارنىڭ تىل بىرىكتۈرۈپ رەقىبلىرىنى ھاكىمىيەت سەھنىسىدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر