تۈرك دىپلوماتنى قەتل قىلغان زوراۋانغا يانتاياق بولغان كىشىمۇ قولغا چۈشتى

ئەربىلدىكى تۈركىيە كونسولخانىسىدا خىزمەت قىلىدىغان تۈرك دىپلوماتنى قەتل قىلغان زوراۋانغا ياردەم قىلغان كىشىمۇ قولغا چۈشتى.

1239525
تۈرك دىپلوماتنى قەتل قىلغان زوراۋانغا يانتاياق بولغان كىشىمۇ قولغا چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق كۈرت رايونلۇق ھۆكۈمىتى، ئەربىلدىكى تۈركىيە كونسولخانىسى خادىمىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى مەزلۇم داغقا ياردەم قىلغان بىر كىشىنىڭ قولغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەربىل ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئەربىلدىكى بىر رېستورانغا ھۇجۇم قىلغان مەزلۇم داغقا ياردەم قىلغان <دىجۋار مامەند يۇسۇف>لەقەملىك مۇھەممەد بىسكسىز قولغا چۈشتى.»

باياناتتا، مۇھەممەد بىسكسىزنى قولغا چۈشۈرۈش ھەرىكىتى توغرۇلۇق ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى.

ئىراق كۈرت رايونلۇق ھۆكۈمىتى، ئەربىلدىكى تۈركىيە كونسولخانىسى خادىمىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان مەزلۇم داغنىڭ قولغا چۈشكەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

چارشەنبە كۈنى ئەربىلدىكى بىر رېستورانغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا، تۈركىيەنىڭ ئەربلىدىكى كونسولخانىسىدا خىزمەت قىلىدىغان بىر دىپلومات ۋە ئىككى ئىراق پۇقراسى بولۇپ جەمئىي ئۈچ كىشى جېنىدىن ئايرىلغانىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر