تۈرك دىپلوماتنىڭ قاتىلى قولغا چۈشتى

ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئەربىل شەھىرىدىكى تۈركىيە باش كونسۇلخانىسى خادىمى شېھىت بولغان قوراللىق ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغان تېررورچى مەزلۇم داغ بىلەن 3 تېررورچىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1239372
تۈرك دىپلوماتنىڭ قاتىلى قولغا چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەربىل جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەربىلدىكى ھۇجۇم توغرۇلۇق ئىككى كۈن بۇرۇن كىملىك ئۇچۇرلىرى ئېلان قىلىنغان مەزلۇم داغ بىلەن بىرلىكتە، ھۇجۇم بىلەن چېتىشلىقى بار يەنە 3 تېررورچىمۇ قولغا چۈشۈرۈلگەن.

ئەربىل شەھىرىدە ئۆتكەن چارشەنبەكۈنى بىر رېستورانغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا تۈركىيەنىڭ ئەربىل باش كونسۇلخانىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر دىپلومات شېھىت بولغان، ئىككى ئىراق پۇقراسىمۇ ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر