ئامېرىكا نېگىرىيەلىك بىر ئىمامنى مۇكاپاتلىدى

ئىمان ئابدۇللاھى ئەبۇبەكىر262 نەپەر خىرىستىياننى جامەدە يوشۇرۇپ قۇتقۇزۇپ قالغان ئىدى

1238874
ئامېرىكا نېگىرىيەلىك بىر ئىمامنى مۇكاپاتلىدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نېگىرىيەدە يۈز بەرگەن قوراللىق توقۇنۇش ئەسناتىدا قېچىپ قۇتۇلماقچى بولغان 262 نەپەر خىرىستىياننى جامەدە يوشۇرۇپ قۇتقۇزۇپ قالغان ئىمان ئابدۇللاھى ئەبۇبەكىر ئامېرىكا تەرىپىدىن خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى.

«BBC» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پىلاتېئۇ ئۆلكىسىدە 2018يىلى ئىيۇل ئېيىدا رايوندىكى خىرىستىيان دېھقانلار بىلەن دۈشمەنلىكى بولغان پادىچىلار ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، خىرىستىيانلارنى پادىچىلارنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداپ قالغان جامە ئىمامى ئەبۇبەكىرگە مۇكاپاتنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو تەقدىم قىلغان.

پومپېئو مۇكاپاتنى تەقدىم قىلىش جەريانىدا قىلغان سۆزىدە، «ئەگەر ئۇ ئارىلاشمىغان بولسا ئىدى، بەلكىم ھەمممىسى ئۆلتۈرۈلگەن بولاتتى. لېكىن ئۇ باشقا بىر دىنغا مەنسۇپ ئىنسانلارنى جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ قوغداپ قالدى» دېدى.

ئىمام ئوبۇبەكىرنى نېگىرىيە پىرېزىدېنتى مۇھەممەد بۇخارىمۇ بۇ ئۈلگىلىك ھەركىتى ئۈچۈن ئالاھىدە تەبرىكلىگەن ۋە «دۆلەت غۇرۇرى مۇكاپاتى» بىلەن مۇكاپاتلىغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر