جەنۇبىي ئافرىقا ئارمىيەسى: مۇسۇلمان ئايال ئەسكەرلەرنىڭ ياغلىق چىگىشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ

جەنۇبىي ئافرىقا دۆلەت مۇداپىئە قىسىملىرى قوماندانلىقى، ئارمىيە سېپىدىكى مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ياغلىق چىگىشىگە رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1238549
جەنۇبىي ئافرىقا ئارمىيەسى: مۇسۇلمان ئايال ئەسكەرلەرنىڭ ياغلىق چىگىشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي ئافرىقا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي ئافرىقا دۆلەت مۇداپىئە قىسىملىرى قوماندانلىقى، جەنۇبىي ئافرىقا مۇسۇلمان ئەدلىيە كېڭىشى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئارمىيە سېپىدىكى مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ياغلىق چىگىشىنى ئەركىن قويۇۋېتىشنى قارار قىلغان.

مۇداپىئە قىسىملىرى قوماندانلىقىنىڭ ئومۇمىي دىنىي ئىشلارغا مەسئۇل ئەمەلدارى مونۋابىسى ئاندرېۋ جامانگىلې، مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ھەربىيچە كىيىم – كېچەك بەلگىلىمىسىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان شەكىلدە ياغلىق چىگىشىگە رۇخسەت قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «جەنۇبىي ئافرىقا دۆلەت مۇداپىئە قىسىملىرى قوماندانلىقى، مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ياغلىق چىگىشى ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى» دېدى.

جەنۇبىي ئافرىقا دۆلەت مۇداپىئە قىسىملىرى قوماندانلىقى بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا مۇسۇلمان ئەدلىيە كېڭىشى بىرلىكتە چىقارغان بۇ قارار مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىكنىڭ ماقۇللىشىدىن كېيىن ئىجرا قىلىنىدۇ.

جەنۇبىي ئافرىقا ئارمىيەسىدە 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان خىزمەت قىلىۋاتقان مىڭبېشى فاتىما ئىسائاكس ئۆتكەن ھەپتە شەپكىسىنىڭ ئاستىغا ياغلىق چەگكەنلىكى ئۈچۈن، ئىنتىزام جازاسىغا دۇچ كەلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر