ئىراق ئەربىلدىكى ھۇجۇمنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئىراق تۈركىيەنىڭ ئەربىلدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ بىر دىپلومات خادىمىنى شېھىت قىلغان ھۇجۇمنىڭ، باغداد ۋە ئەنقەرە ئوتتۇرىسىدىكى تارىخىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلەرگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1237688
ئىراق ئەربىلدىكى ھۇجۇمنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈركىيەنىڭ ئەربىلدىكى دىپلوماتىنىڭ شېھىت قىلىنغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «تۈركىيەنىڭ ئەربىلدىكى دىپلوماتىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېيىلدى.

مىنىستىرلىقنىڭ، ھۇجۇمنىڭ تەپسىلاتلىرى ۋە ئارقىدىكى سەۋەبلىرىنىڭ ئېنىقلىنىشى ئۈچۈن خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈشلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى:

«بۇ خائىن ھۇجۇمنى باغداد بىلەن ئەنقەرە ئوتتۇرىسىدىكى تارىخىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلەرگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، ئورتاق مەنپەئەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئىككى دوست دۆلەت ئورناتقان يېقىنلىشىش تىرىشچانلىقلىرىنىمۇ ئاجىزلىتالمايدۇ.»

تۈنۈگۈن (17-ئىيۇل) ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىدىكى بىر رېستورانتقا قىلىنغان ھۇجۇمدا، تۈركىيەنىڭ ئەربىلدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ بىر دىپلوماتى شېھىت بولغان، ئىككى ئىراق پۇقراسى جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر