ئامېرىكانىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى

ئامېرىكانىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا يۈزلەرچە ئەسكەر ئەۋەتىش تەييارلىقىنى قىلۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1238336
ئامېرىكانىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: س ن ن (CNN) نىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىكى ئىككى ئەمەلدارنىڭ دېگەنلىرىنى ئاساس قىلىپ بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىيادتىكى شاھزادە سۇلتان ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا 500 ئەسكەر ئەۋەتىشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.

مەسئۇل ئەمەلدارلار ئايروپىلان لىنيەسى ۋە ئايرودۇرۇمنى ياخشىلاشتىن باشقا، بىر دانە «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا باتارىيەسى ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان دەسلەپكى تەييارلىقلار ئۈچۈن سانى ئاز بولغان بىر ھەربىي قىسىم ۋە ئارقا سەپ خادىملىرىنىڭ ھازىرمۇ بازىدا تەييار ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا كونگرەسىگە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئەسكەر ئەۋەتىش مەسىلىسىدە رەسمىي مەلۇمات بېرىلمىگەن، بىراق بىر ئەمەلدار س ن ن غا مەزكۇر مەسىلە بويىچە كېلەر ھەپتە بايانات ئېلان قىلىشنىڭ پىلانلانغانلىقىنى ئېيتقان.

مىدىلبۇرىي (Middlebury) خەلقئارا تەتقىقاتلار ئىنىستىتۇتى شەرقىي ئاسىيا يادرو قورالى تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لايىھەسىنىڭ دىرېكتورى جېفرېي لېۋىس (Jeffrey Lewis) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، پلانېت لەبس (Planet Labs) ئىسىملىك شىركەتنىڭ سۈنئىي ھەمراھدىن تارتىلغان سۈرەتلىرى 2019-يىلى ئىيۇن ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىكى دەسلەپكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ۋە ئارقا سەپ خادىملىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

رەسىملەرنى تەتقىق قىلغان جېفرېي لېۋىسنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئىيۇن ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ۋە بۇ ئاي (ئىيۇل) نىڭ بېشىدا تارتىلغان سۈرەتلەر، ئامېرىكا قىسىملىرى ئورۇنلىشىشتىن بۇرۇنقى بازىدا قىلىنىۋاتقان تەييارلىقلاردىن دىرەك بېرىدىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىر ۋەكىلى پاترىك شېيناخان (Patrick Shanahan) ئۆتكەن ئاي پارس قولتۇقىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختالغاندا، ئوتتۇرا شەرققە زاپاس مىڭ ئەسكەر ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، بىراق بۇ ئەسكەرلەرنىڭ قايسى دۆلەتكە ئەۋەتىلىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن ئىدى.

پارس قولتۇقىدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت ھېسابلىنىدىغان سەئۇدى ئەرەبىستاندا ھازىر ئامېرىكانىڭ ھەربىي بازىسى يوق. پايتەخت رىيادتىكى «شاھزادە ھاۋا ئارمىيە بازىسى» ئامېرىكانىڭ رايوندىكى ئەڭ مۇھىم ھەربىي بازىلاردىن بىرى ئىدى. بىراق، ئامېرىكا 2003-يىلى مەزكۇر بازىدىكى ئەسكەرلىرىنى قاتارغا يۆتكەپ، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى ئاخىرلاشتۇرغان ئىدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر