ئامېرىكا مېكسىكا چېگراسىغا زاپاس ئەسكەر ئەۋەتىشنى قارار قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مېكسىكا چېگراسىغا بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن 2100 نەپەر قوشۇمچە ئەسكەر ئەۋەتىشنى قارار قىلدى.

1238208
ئامېرىكا مېكسىكا چېگراسىغا زاپاس ئەسكەر ئەۋەتىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى – پېنتاگون بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا – مېكسىكا چېگراسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش خىزمەتلىرىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا ئارمىيەسىدىن 1100، تېكساس مىللىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسىملىرىنىڭ 1000 ئەسكەرنىڭ چېگراغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، مەزكۇر ئەسكەرلەرنىڭ ھاۋادىن كۆزىتىش، ئارقا سەپ ۋە مەمۇرىي خىزمەتلەرنى ئۆتەيدىغانلىقى، مىللىي مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ بولسا، چوڭ كۆچمەنلەر مۇۋەققەت پاناھلىنىش مەركەزلىرى جايلاشقان چېگرادىكى يېزا – بازالارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان تاموژنا ۋە چېگرا مۇداپىئەقىسىملىرىغا ھەمنەپەس بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

زاپاس ئەسكەر ئەۋەتىش قارارى يېڭى مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەكىلى رىچارد ۋ.سپېنسېر تەرىپىدىن ماقۇللاندى.

نۆۋەتتە ئامېرىكا – مېكسىكا چېگراسىدا 2500 ئەسكەر بىلەن 2000 مىللىي مۇھاپىزەتچىلەر ئەسكىرى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر