ئامېرىكا ئەركىن سۈرىيە ئارمىيە قىسىملىرىنى تەربىيەلەشكە باشلىدى

ئامېرىكا سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدا ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى ياردەم قىلىشنى توختاتقان ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىگە تەلىم-تەربىيە بېرىشنى قايتىدىن باشلىدى.

1237241
ئامېرىكا ئەركىن سۈرىيە ئارمىيە قىسىملىرىنى تەربىيەلەشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئۈچ يىل بۇرۇن سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى گۇرۇپپىلىرىغا ياردەم قىلىشنى توختاتقان ئىدى. بۇ سەۋەبتىن، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى سېپىدىكى ۋە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى چەت ئەللىك تېررورىست گۇرۇپپىلار، سۈرىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىراق چېگراسىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان ئىدى.

رايوندىكى يەرلىك مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا سۈرىيە-ئىراق-ئىيوردانىيە چېگراسى ئەتراپىغا جايلاشقان تانىف ھەربىي بازىسىدا ۋە ئىيوردانىيە چېگراسىنىڭ ئىچىدىكى ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى قىسىملىرىنى تەربىيەلەشكە باشلىغان.

ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى دېيرۇز زۇردا قاتارلىق سۈرىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا ياشايدىغان نۇرغۇن ئەرەب پىدائىيلىرىنى ئۆزىگە قوشتى. ئامېرىكا ئوفىتسېرلىرى ۋە ئىستىخبارات خادىملىرى بېرىدىغان تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىدا، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى خەلقئارالىق بىرلەشمە قىسىمنىڭ مەسلىھەتچىلىرىمۇ ياردەمچى بولىدۇ. ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەسكەرلىرىگە ھاۋادىن سەكرەش، چۆلدە ۋە قىيىن شارائىتلاردا جېنىنى ساقلاش، بەلگىلەنگەن نۇقتىلارغا ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق ئالاھىدە تەلىم-تەربىيە بېرىلىدۇ.

مۇتەخەسسىسلەر، مەزكۇر لايىھەنىڭ رايوندىكى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مەخپىي ھۇجرىلىرىغا ۋە چېگرا بويىدىكى ئىران كۈچلىرىگە قارىتىلغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر