ترامپ تۈركىيە ھەققىدە بايانات ئېلان  قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۈركىيە رۇسىيەدىن سېتىۋالغان «400 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى توغرۇلۇق بايانات ئېلان  قىلدى.

1237028
ترامپ تۈركىيە ھەققىدە بايانات ئېلان  قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ ئاقسارايدا بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى باراك ئوباما دەۋرىدە، ۋاشىنگتوننىڭ ئەنقەرەگە «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا  سېتىپ بەرمەسلىكىنى تەنقىد قىلدى، شۇ ۋەجىدىن، تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن «400 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋېلىش يولىدا ئىزدەنگەنلىكىنى، تۈركىيە دائىرىلىرى بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «راستىنى ئېيتقاندا، تۈركىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىمىز بار، ئەمما مۇناسىۋەتلىرىمىز ئىنتايىن مۇرەككەپ. باراك ئوباما ھۆكۈمىتى تۈركىيەگە <ۋەتەنپەرۋەر> ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىپ بەرمىدى، تۈركىيە بۇ ھەقتە ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئوباما ھۆكۈمىتى سېتىپ بېرىشكە كۆڭۈلشىمىدى. شۇنىڭ بىلەن، تۈركىيە رۇسىيەدىن <400 – س> باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋالدى. بۇنى كۆرۈپ دۆلىتىمىز، <ئەمدى سىلەرگە <ۋەتەنپەرۋەر> ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىپ بېرىمىز> دېدى، لېكىن بۇ چاغدا تۈركىيە رۇسىيە بىلەن ئاللىقاچان كېلىشىم تۈزۈپ بولغانىدى. چۈنكى تۈركىيە دائىرىلىرىنىڭ دۆلىتىمىزدىن <ۋەتەنپەرۋەر> ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋېلىشىغا ئىزىن بېرىلمىگەنىدى. تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، 100 دىن ئارتۇق <ۋەتەنپەرۋەر> ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا زاكاس قىلغان، تېخىمۇ كۆپ سېتىۋېلىش پىلانى تۈزگەنىدى.»

تۈركىيە ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ترامپ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تۈركىيە بىزگە ناھايىتى ياخشى پوزىتسىيە تۇتۇپ كېلىۋاتىدۇ. تۈركىيە رۇسىيەدىن <400 – س> باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، بىز تۈركىيەگە  <F-35> تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى سېتىپ بەرمەيدىغانلىقىمىزنى ئېيتىۋاتىمىز. تۈركىيە دائىرىلىرى ناھايىتى قىيىن شارائىتنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، بىزمۇ ناھايىتى قىيىن ئۆتكەلنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز، بۇ قىيىنچىلىقلارنى قانداق يىېڭەلەيدىغانلىقىمىزغا قارايمىز.»

ئۇ يەنە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەگە « F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى سېتىپ بەرمەسلىكىنىڭ، بۇ ئايروپىلانلارنىڭ ئىشلەپچىقارغۇچىسى لوكھېد مارتىن گۇرۇھىنىڭ قاتتىق نارازىلىقنى قوزغاۋاتقانلىقىنى، چۈنكى بۇشىركەتكە نىسبەتەن بۇنىڭ مىڭلارچە كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىش دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر