ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى سەئۇدى ئەرەبىستان ئەيىبلەنگەن لايىھەنى ماقۇللىدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى جىنايتىنىڭ جاۋابكارلىرىنى ئاشكارىلاش تەلەپ قىلىنغان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ قىلمىشلىرى ئەيىبلەنگەن ئىككى قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

1236403
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى سەئۇدى ئەرەبىستان ئەيىبلەنگەن لايىھەنى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ۋەكىللىرى ئومۇمىي كېڭەشتە ئاۋازغا قويۇلغان قانۇن تەكلىپ لايىھەسىدە، سەئۇدى ئەرەبىستاننى ئەيىبلىدى.

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى بولغان سەئۇدى ئەرەبىستانلىق جەمال قاشىقچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدە جاۋابكارلىقى بولغان ياكى ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقىنى بەرگەنلەرنى ئاشكارىلاش تەلەپ قىلىنغان قانۇن تەكلىپ لايىھەسى، يەتتە ئاۋازغا قارشى 405 ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن قوبۇل قىلىندى.

قانۇن تەكلىپىدە، ئامېرىكا ئىستىخبارات ئىدارىسى دىرېكتورىنىڭ جىنايەت جاۋابكارلىرىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشى ۋە بۇ كىشىلەرگە ۋىزا چەكلىمىسى قويۇش تەلەپ قىلىندى.

مەزكۇر قانۇن تەكلىپىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغان كېڭەش پالاتاسىدا قوبۇل قىلىنىشىنىڭ قىيىن ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلمەكتە.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى يەنە، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئايال پائالىيەتچىلەرنىڭ تۈرمىگە قامىلىشىنى ئەيىبلىگەن قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنىمۇ ئاۋازغا قويۇپ قوبۇل قىلدى.

ئامېرىكا كونگرەسى بۇنىڭدىن بۇرۇن جەمال قاشىقچى جىنايىتىگە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھدى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ جاۋابكار ياكى ئەمەسلىكىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇش تەلەپ قىلىنغان بىر قانۇن لايىھەسىنى، پىرېزىدېنت ترامپقا ئەۋەتكەن. بىراق، ترامپ قانۇنىي جەھەتتىن 120 كۈن ئىچىدە كونگرەگە جاۋاب بېرىشى كېرەك بولغان تەلەپ توغرىسىدا ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى جەمال قاشىقچى جىنايىتىگە شاھزادە سەلماننىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلغان قانۇن تەكلىپىنى تەستىقلىغان ۋە بۇ ئارقىلىق جىنايەت سەۋەبىدىن سەلماننى ئوچۇق-ئاشكارا ئەيىبلىگەن ئىدى. سەئۇدى ئەرەبىيستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى 2018-يىلى 2-ئۆكتەبىردە توي رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسىغا بارغاندا ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 2019-يىلى ئاپرېلدا يەمەندە داۋام قىلىۋاتقان ئۇرۇشتا، سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلىنىۋاتقان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش تەلەپ قىلىنغان قانۇن تەكلىپىنى رەت قىلغان ئىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر