ترامپ ئېسپېرنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا نامزات كۆرسەتتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەرىپىدىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا نامزات كۆرسىتىلگەن مارك ئېسپېرنىڭ نامزاتلىقىغا ئالاقىدار قارارنامە ئاقساراي تەرىپىدىن پالاتاغا يوللاندى.

1236664
ترامپ ئېسپېرنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا نامزات كۆرسەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئېسپېرنىڭ نامزاتلىقىغا ئالاقىدار قارارنامە پالاتاغا يوللانغان بولۇپ، ئېسپېرنىڭ مىنىستىر نامزاتلىقى، ئالدى بىلەن كومىتېت، ئاندىن پالاتا ئومۇمىي كېڭىشىدا ئاۋازغا قويۇيلىدىكەن. ئېسپېر يېتەرلىك ئاۋازغا ئېرىشكەن تەقدىردە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يېڭى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولىدىكەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جەيمس ماتتىسنىڭ يانۋار ئېيىدا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشىدىن كېيىن، پاترىك شاناخان تەخمىنەن 7 ئاي بويىچە مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەنىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 18 – ئىيۇن كۈنى شاناخاننىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى نامزاتلىقىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان، شاناخان بولسا ئائىلىۋى سەۋەبلەر تۈپەيلى شۇنداق قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر