خىتاي ترامپنىڭ سودا ئۇرۇشى ھەققىدىكى سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ مۇشۇ يىلنىڭ ئىككىنچى چارىكىدە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ %6.2 لىك ئېشىشى ھەققىدە توختالغاندا، بۇ ئاستىلاشنىڭ سودا ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1236639
خىتاي ترامپنىڭ سودا ئۇرۇشى ھەققىدىكى سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گىڭ شۇاڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، پىرېزىدېنت ترامپ ئېيتقان «خىتاينىڭ ئىقتىسادى ناھايىتى ئاستىلىغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن دەرھال كېلىشىم تۈزۈش ئۈمىدىدە بولغانلىقى» ھەققىدىكى سۆزلەرنىڭ، خاتا سىگنال بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئېنىقسىزلىقلارغا ۋە مۇقىمسىزلىقلارغا قارىغاندا، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئالدىغا كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئارزۇسىنىڭ يوقلۇقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئامېرىكادىكى نۇرغۇن ساھەلەر ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ خىتاي ماللىرىدىن قوشۇمچە باج ئېلىشقا نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «خىتاي بىلەن ئامېرىكانىڭ ئىككى تەرەپكە پايدىلىق بولغان كېلىشىم تۈزۈشى، ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقىگە پايدىلىق بولۇشتىن سىرت، ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، بۇ خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭمۇ ئارزۇسىدۇر» دېدى.

خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى چارىكىدە %6.2، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا بولسا %6.3 ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۋىتتېردا خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باياناتى ھەققىدە، خىتاي ئىقتىسادىدا يېقىنقى 27 يىلدا ئەڭ تۆۋەن ئېشىشنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ئامېرىكا يولغا قويغان باج سىياسىتى شىركەتلەرنىڭ خىتايدىن ئايرىلىپ قوشۇمچە باج ئېلىنمايدىغان دۆلەتلەرگە كېتىشىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتتى، مىڭلارچە شىركەت خىتايدىن چىقىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن كېلىشىم تۈزۈشنى خالايدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر