ئىران بېيجىڭنىڭ «بىر خىتاي» سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تەيۋەن مەسىلىسىدە بېيجىڭنىڭ «بىر خىتاي» سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1235168
ئىران بېيجىڭنىڭ «بىر خىتاي» سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئابباس مۇسەۋى، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئەنگلىيەنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش بىلەن ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ  خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قارىتا ھەر تۈرلۈك مۇداخىلىسىنى، يېقىندىن بۇيانقى تەيۋەن ھەم خوڭكوڭدا تاشلاۋاتقان ئىغۋاگەرلىك قەدەملىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، بېيجىڭنىڭ <بىر خىتاي> سىياسىتىنى ئاداققىچە قوللايمىز.»

خىتاي تەيۋەنگە قورال - ياراغ ساتقان ئامېرىكا شىركەتلىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تەيۋەنگە قورال - ياراغ سېتىپ بېرىش ئارقىلىق خەلقئارا قانۇننى ۋە خەلقئارا پىرىنسىپلارنى جىددىي شەكىلدە ئاياغ ئاستى قىلغانلىقىنى،  بېيجىڭنىڭ «بىر خىتاي» پىرىنسىپىنى دەپسەندە قىلىپ، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىك ھەق – ھوقۇقلىرىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

تەيۋەن رەھبىرى سەي يىڭۋېن پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا زىيارەتتە بولغان، ئۇنىڭ بۇ زىيارىتى خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر