ئاقار ئېسپېر بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپېر بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1235069
ئاقار ئېسپېر بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «400 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى مەسىلىسى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى  مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپېرغا مۇنداق دېگەن: «تۈركىيە نۆۋەتتە جىددىي ھاۋا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، بۇ دائىرىدە <400 – س> باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى ئېلىشىمىز تاللاش خاراكتېرلىك مەسىلە ئەمەس، ئەكسىچە مەجبۇرىيەت بولۇپ قالدى. <ۋەتەنپەرۋەر> ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا  تەكلىپىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتكىنىمىز يوق. <F-35> تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى لايىھەسى ئۆز يولىدا داۋاملىشىشى كېرەك. دەرۋەقە، تۈركىيە بۇ لايىھەنىڭ شېرىكى بولۇپ، تۈركىيەنىڭ ھەم <F-35> تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھەم <400 – س> باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ بىر - بىرىگە ماسلىقى مەسىلىسىدە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭمۇ  داخىل بولۇشىغا ئالاقىدار تەكلىپى ھازىرمۇ كۈچكە ئىگە. تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولغىنى يوق. جۈملىدىن دۆلىتىمىز <F-35> تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى مەسىلىسىدە زىممىسىگە يۈكلەنگەن بارلىق ۋەزىپىلىرىنى تولۇق ئادا قىلدى. تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن <400 – س> باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋېلىشى ھەرگىزمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بولغان ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىققا قارىتا پوزىتسىيەسىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە زىيان يېتىشى، نە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا، نە تۈركىيەگە ھېچقانداق پايدىسى يوقتۇر.»

سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان تېلېفون سۆھبىتىدە، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بىخەتەر رايون بەرپا قىلىشقا كۈچى يېتىدىغان بىردىنبىر كۈچنىڭ تۈركىيە ئارمىيەسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئاقار، سۈرىيە چېگراسىدا يۈز بېرىۋاتقان ھۇجۇملارغا قارشى تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى، چۈنكى خەلقى ھەم چېگرا رايونلىرىنى قوغداشنىڭ تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، چېگرا رايونلىرىغا يېقىن جايلاردا بىخەتەر پاناھ جاي ئىزدەۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ يەرلەردە ئۇۋا سېلىۋېلىشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگنى داۋاملاشتۇرۇش، سۈرىيەدە بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش، كېلەر ھەپتە ئامېرىكا ھەيئىتىنى دەرھال ئەنقەرەگە ئەۋەتىش مەسىلىلىرىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر