مېكسىكىدا يۈز بەرگەن يەر كۆچۈش ۋەقەسىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى
مېكسىكىنىڭ ئوتتۇرىغا قىسمىغا تەسىر كۆرسەتكەن قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان يەر كۆچۈش ۋەقەسىدە بىر ئائىلىدىن 7 كىشى قازا قىلدى.
1234914
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پۇئېبلا رايونىدا قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان يەر كۆچۈش ۋەقەسىدە 4 ى بالا بولۇپ، 7 كىشىلىك بىر ئائىلىنىڭ ھەممىسى ھاياتىدىن ئايرىلغان، يەر كۆچۈش خەۋپى تۈپەيلى ئاھالىلارنى بىخەتەر جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتى باشلانغان.