ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرقتە يېڭى بىر ھەربىي ئىتتىپاق قۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى

ئامېرىكا دائىرىلىرى، تېھران بىلەن ۋاشىنگتون ئارىسىدىكى سوغۇقچىلىقلار داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىران ۋە يەمەن دېڭىز تەۋەلىكىنى «مۇھاپىزەت قىلىش» ئۈچۈن ئامېرىكا باشچىلىقىدا بىر ھەربىي بىرلەشمە قۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1234314
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرقتە يېڭى بىر ھەربىي ئىتتىپاق قۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى جوسېف دۇنفورد، ئامېرىكىنىڭ يېڭى بىرلەشمىنى تەشكىللەش پىلانى توغرىسىدا مۇخبىرلارغا مەلۇمات بەردى.

ئۇ، ئىراننىڭ خەلقئارا دېڭىزدىكى ھەرىكەتلىرىنى ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، ھۇرمۇز بوغۇزى بىلەن بابۇلمەندەپتە «دېڭىز قاتنىشىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە بىخەتەرلىكى» نى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان بىر بىرلەشمە تەشكىللەش مەقسىتىدە بەزى دۆلەتلەر بىلەن كۆرۈشۈۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكىنىڭ قۇرۇلىدىغان ھەربىي ئىتتىپاققا باشلامچىلىق قىلىدىغان پاراخوتلارنى تەمىنلىشى ۋە كۆزىتىش پائالىيەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلىشىنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن دۇنفورد، «بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە قايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇ پىلاننى قوللايدىغانلىقى ھەققىدە سىياسىي ئىرادىسىنى نامايان قىلىدىغانلىقىنى بىلگەن بولىمىز. ئارقىدىن بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئارمىيەلىرى بىلەن خىزمەتلەرنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

دۇنيا نېفىت توشۇمىچىلىقىنىڭ بەشتىن بىرىگە يېقىنى ھۇرمۇز بوغۇزى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ئامېرىكا 2015 – يىلى ئىمزالانغان يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورتىنى نۆلگە چۈشۈرۈش مەقسىتىدە ئېمبارگولارنى قايتىدىن يولغا قويغانىدى.

ئىران بولسا، نېفىت ئېكسپورت قىلالمىغان تەقدىردە ھۇرمۇز بوغۇزىنى تاقىۋېتىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئېيتىپ تەھدىت سالغانىدى.

ئامېرىكا دائىرىلىرى بولسا، ئېمبارگو ئارقىلىق بېسىم ئىشلىتىپ ئىراننى يېڭى بىر كېلىشىم تۈزۈشكە قايىل قىلىشقا تىرىشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر