دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن ساياھەت قولۋىقى تۈركىيەگە كەلدى
« Flying Fox» ناملىق دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن ساياھەت قولۋىقى تۈركىيەگە كەلدى.
1234242
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن ساياھەت قولۋاقلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىغان « Flying Fox » مۇغلانىڭ مارمارىس ناھىيەسىگە كەلدى.
ئىگىلىنىشىچە، داتچادىن تۈركىيەگە كىرگەن « Flying Fox » ساياھەت قولۋىقى، رۇسىيەدىكى ئەڭ كاتتا باي كارخانىچىلاردىن دىمىترى كامېرشچىك بىلەن رۇسىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە ئۇكرائىنادىن باشقا مېھمانلارنى سەيلە قىلدۇرماقتا ئىكەن.