ئامېرىكىنىڭ 2020 – يىلىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا يېڭى نامزات قوشۇلدى
ئامېرىكىدا 2020 – يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۈچۈن دېموكراتىچىلار پارتىيەسى نامزات نامزاتلىرى ئارىسىغا يېڭى بىر كىشى قوشۇلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىلىق مەبلەغچى ۋە پائالىيەتچى مىلياردېر توم ستېيېر دېموكراتىچىلار پارتىيەسى سىپىدىن پىرېزىدېنتلىق سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
توم ستېيېر سايلام تەشۋىقات سەپەرۋەرەلىكىدە، چوڭ شىركەتلەرنىڭ سىياسەتكە كۆسىتىۋاتقان تەسىرىنىڭ ئازايتىلىشى ۋە مۇھىت ئۆزگىرىشى قاتارلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
62 ياشلىق توم ستېيېر پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىنى كۈچلۈك قوللاپ كېلىۋاتقان لىبېرالىستلارنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كىشىلىرىدىن بىرسى ھېسابلىنىدۇ.
توم ستېيېر دىكابېر ئېيىدا لوۋادا ئۆتكۈزۈلگەن دېموكراتچىلار پارتىيەسى قورۇلتىيىدا، پىرېزىدېنتلىق رىقابىتىنىڭ ئورنىغا دونالد ترامپنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى ئۈچۈن بار كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
ئەسلى كالىفورنىيەلىك توم ستېيېر قۇرۇلتايدا يەنە، دېموكراتچىلارنىڭ كونتىروللۇقىدىكى ئاۋام پالاتاسىنىڭ دونالد ترامپقا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەدىن بارغانچە بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
2020 – يىلدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۈچۈن دېموكراتچىلار پارتىيەسىدىن نامزات نامزاتى بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان كىشلەرنىڭ سانى توم ستېيېر بىلەن بىرلىكتە 24 كە يەتتى.
نامزات نامزاتلىرىدىن كالىفورنىيە پالاتا ئەزاسى ئېرىچ سىۋالۋېل سايلام تەشۋىقات سەپەرۋەرلىكىنىڭ تازا جەلپ قىلارلىق بولالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۈشەنبە كۈنى نامزاتلىقتىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
پىرېزىدېنتلىق نامزات نامزاتى رىقابىتىگە دائىر راي سىناش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، دېموكراتچىلارنىڭ نامزات نامزاتلىرى ئارىسىدا سابىق مۇئاۋىن پىرېزىدېنت جوي بايدىن چوڭ پەرق بىلەن ئالدىنقى ئورۇندا كېتىتىۋاتماقتا. ۋېرمونت پالاتا ئەزاسى بېرنىي ساندېرس بولسا، ئۇنىڭغا يېتىشىۋالىدىغان سەۋىيەدە كېتۋاتماقتا.
ئامېرىكىدا 59 – نۆۋەتلىك پىرېزدېنتلىق سايلاملىرى 2020 – يىلى 3 – نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدۇ.