سەئۇدى ئەرەبىستان ھاجى نامزاتلىرىنى ئاگاھلاندۇردى

سەئۇدى ئەرەبىستان، ھەج ئىبادىتىنىڭ ئادا قىلىنىشى جەريانىدا سىياسىي ۋە مەزھەپ خاراكتېرلىك شوئار ۋە پىكىرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1233040
سەئۇدى ئەرەبىستان ھاجى نامزاتلىرىنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – SPA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جىددە شەھىرىدە تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان رىياسەتچىلىكىدە ئىچكى كابېنىت يىغىنى چاقىرىلغان.

يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ھاجى نامزاتلىرى پەقەت ئىبادەت بىلەنلا مەشغۇل بولۇشقا چاقىرىلدى، سىياسىي ۋە مەزھەپ خاراكتېرلىك شوئارلارنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇلدى.

ھەجنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە سۈكۈناتىغا دەخلى قىلىدىغان بارلىق ئىش – ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن ئىچكى كابېنىتنىڭ مەزكۇر باياناتىدا «سىياسىي مەزمۇن ۋە مەزھەپچىلىك تۈسىدىكى سۆز – ئىبارىلەر ۋە بۇ خىل ھەرىكەتلەر ھېچبىر شەكىلدە قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېگەن ئىبارىلەر ئورۇن ئالدى.

باياناتتا، يوليورۇقلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنىڭ سادىر بولماسلىقى ئۈچۈن، تېگىشلىك بارلىق تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى، بىراق قايسى خىل تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر