قاتار ئامېرىكىدىن «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سېتىۋالىدۇ

قاتار ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن ۋەتەنپەرۋەر (Patriot) ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرى سېتىۋالىدۇ.

1233133
قاتار ئامېرىكىدىن «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سېتىۋالىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە ئەسكىرىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانى بىلەن دونالد ترامپ ئاقسارايدا دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

شەيخ تەمىمغا «ھەقىقىي لىدىر» دەپ باھا بەرگەن ترامپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ناھايىتى ياخشى كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

قاتارنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا يۇقىرى مىقداردا مەبلەغ سېلىپ، زور مىقداردا قورال ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋالغانلىقىنى بايان قىلغان ترامپ، «قاتاردا بۈيۈك ھەربىي مەۋجۇدىيىتىمىزنىمۇ داۋاملاشتۇرىمىز. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي بازىلارنىڭ بىرىنى قۇرۇپ چىقتى. سىزگە ئوخشاش دوستۇم بىلەن خىزمەت قىلىش ھەقىقەتەنمۇ زور شەرەپتۇر» دېدى.

قاتار ئەمىرىمۇ ترامپقا قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىپ، «بىرلىكتە ياخشى ئىلگىرىلەۋاتىمىز. ئارىمىزدىكى ئىقتىسادىي شېرىكچىلىك ھەجىمى 185 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتتى ۋە بۇنى ئىككى قاتلاشنى پىلانلاۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ، ئامېرىكىنىڭ پارس قولتۇقىدىكى ئەڭ مۇھىم ھەربىي بازىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئەلئۇدەيد ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى ۋە دۆلەتتە زىيارەتتە بولۇشى ئۈچۈن دونالد ترامپنى قاتارغا تەكلىپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر