جېسۇس سانتىرىچ ھەققىدە تۇتۇش بويرۇقى چىقىرىلدى

كولومبىيەنىڭ سابىق كولومبىيە ئىنقىلابچى قىسىملار مەسئۇللىرىدىن جېسۇس شانتىرىچ ھەققىدە تۇتۇش بويرۇقى چىقىرىلدى.

1233258
جېسۇس سانتىرىچ ھەققىدە تۇتۇش بويرۇقى چىقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى سەۋەبىدىن بىر يىل قاماقتا ياتقان ۋە قاماقتىن چىققان چېغىدا قايتىدىن نازارەتكە ئېلىنىپ، ئالىي سوتنىڭ قارارى بىلەن قويۇپ بېرىلگەن، ئاندىن قەسەم ئېچىپ كولومبىيە ئاۋام پالاتاسىدا ۋەزىپە باشلاپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئىز قالمدۇرماستىن قېچىپ كەتكەن جېسۇس سانتىرىچ چاقىرىلغان سوتقىمۇ كېلىشنى رەت قىلدى.

 بۇ ئەھۋاللارغا قارىتا ئالىي سوت مەھكىمىسى (ھەقىقىي ئىسمى سېئۇكسىس پاكاس ھېرناندېز سولارتە بولغان) جېسۇس سانتىرىچ ھەققىدە تۇتۇش بويرۇقى چىقاردى ھەمدە خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىغىمۇ جېسۇس سانتىرىچنىڭ قىزىل تاشلىق بۇيرۇق بىلەن نازارەتكە ئېلىنىشى ئۈچۈن ئىلتىماس سۇندى.

كولومبىيە پىرېزىدېنتى ئىۋان دۇكۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، «بۇنداق بىر قارارنىڭ چىقىشىنى ئۇنىڭ ئەدلىيەنى مەسخىرە قىلغانلىقىغا غەزەپلەنگەن بارلىق كولومبىيەلىكلەر كۈتمەكتە ئىدى» دېدى.

ئىۋان دۇكۇ خەلقئار ساقچى تەشكىلاتىغا سۇنۇلغان ئىلتىماسنى ئىما قىلغان ھالدا، خەلقئارا جامائەتچىلىكتىن سانتىرىچنىڭ قولغا ئېلىنىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. 

سانتىرىچ تەۋە بولغان ۋە كولومبىيە ئىنقىلابچى قىسىملارنىڭ سىياسىي قانىتى بولغان «خەلقنىڭ يېڭى ئىنقىلاب قىسىملىرى» تەرىپىدىنمۇ سانتىرىچقا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى. 

سانتىرىچنىڭ مەھكىمىگە كېلىشىنى رەت قىلىپ، ئالدى بىلەن بەرگەن ۋەيىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، بۇ ئەھۋالنىڭ «خەلقنىڭ يېڭى ئىنقىلاب قىسىملىرى» نىڭ خەلق نەزىرىدىكى ئىشەنچلىك ئورنىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئىچىدە سوتلاشنى تەلەپ قىلغان ۋە كولومبىيەمۇ بۇنىڭغا قوشۇلۇش پوزىتسىيەسىدە بولغان بولۇپ، تەپتىش مەھكىمىسى ئالدىنقى يىلى ئاپرىلدا ئېلىپ بارغان بېسىپ كىرىپ تەكشۈرۈشتە ئۇنى نازارەتكە ئالغان ۋە زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى سەۋەبىدىن قاماققا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر