دۇنيا نوپۇسىنىڭ 2055 - يىلىدا 10 مىلياردقا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە

دۇنيا نوپۇسىنىڭ 2055 يىلىدا 10 مىلياردقا ۋە 2100 – يىدا بولسا، 11 مىليارد 200 مىليونغا يېتىشى تەخمىن قىلىنماقتا.

1233555
دۇنيا نوپۇسىنىڭ 2055 - يىلىدا 10 مىلياردقا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 11ئىيۇل دۇنيا نوپۇس كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ب د ت نوپۇس فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، دۇنيا نوپۇسى ئىككى مىڭ يىل ئىلگىرى 300 مىليون بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە تەخمىنەن 7 مىليارد 710 مىليونغا يەتكەن.

ب د ت نوپۇس فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەييارلانغان بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، دۇنيادا نوپۇسى ئەڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا بولغارىيە، لېتونيا ۋە مولدوۋا تۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دۇنيادا نوپۇسى ئەڭ كۆپ قىتئەنىڭ ئىسىيا قىتئەسى ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

دۇنيا نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن %60 ى ئاسىيادا، %15 ى ئافرىقىدا، %10 ى ياۋروپادا، %8 ى لاتىن ئامېرىكا ۋە كارايىپلاردا بولۇپ، قالغان قىسمى شىمالىي ئامېرىكا ۋە تىنچ ئوكياندا ياشايدۇ. 

دۇنيا بويىچە نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەتلەر ئارىسىدا خىتاي 1 مىليارد 420 مىڭ نوپۇسى بىلەن 1 -، ھىندىستان 1 مىليارد 370 مىليون نوپۇسى بىلەن  2ئورۇندا تۇرىدۇ.

خىتايدا دۇنيا نوپۇسىنىڭ %19 ى، ھىندىستاندا بولسا %18 ى ياشايدۇ. 

تاشقى موڭغۇلىيە 1 مىليون 546 مىڭ 116 كىۋادىرات كېولمىتىرلىق تېررورتورىيەسىدە، 3 مىليون نوپۇسقا ئىگە بولۇپ، دۇنيا بويىچە نوپۇس زىچلىقى ئەڭ تۆۋەن دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.

دۇنيا بويىچە نوپۇسى ئەڭ ئاز دۆلەت ئاۋستىرالىيە ۋە ئاكيانىيە قىتئەسى ھېسابلىنىدۇ.

دۇنيا نوپۇسىنىڭ 2055يىلىدا 10 مىلياردقا يېتىشى تەخمىن قىلىنماقتا. بۇ ساننىڭ 2100يىلىدا 11 مىليارد 200 مىليونغا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە. 

تۈركىيە دۇنيا بويىچە نوپۇسى ئەڭ كۆپ 17 - دۆلەت بولۇپ، تۈركىيە نوپۇسىنىڭ 2023يىلىدا 87 مىليونغا، 2040يىلىدا بولسا، 100 مىليونغا ۋە 2069يىلىدا 107 مىليون 600 مىڭغا يېتىشى تەخمىن قىلىنماقتا.

 


خەتكۈچ: #نوپۇس , #دۇنيا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر