پېنس: ئىران، ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنى تىزگىنلەپ تۇرۇشىنى قارارسىزلىق دەپ ئويلاپ قالماسلىقى كېرەك

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس، «ئىران، ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنى تىزگىنلەپ تۇرۇشىنى بىقارارلىق بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويماسلىقى كېرەك» دېدى.

1232442
پېنس: ئىران، ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنى تىزگىنلەپ تۇرۇشىنى قارارسىزلىق دەپ ئويلاپ قالماسلىقى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مايك پېنس پايتەخت ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان «2019- يىللىق ئىسرائىلىيە ئۈچۈن خىرىستىيان بىرلىكى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى» نىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلىپ، ئىران بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى سۈركىلىشلەرگە ئىشارەت قىلغان ھالدا، «ئىران، ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنى تىزگىنلەپ تۇرۇشىنى بىقارارلىق بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويماسلىقى كېرەك» دېدى.

دۆلىتىنىڭ ئىران بىلەن يادرو پىلانى توغرىسىدا سۆزلىشىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن پېنس، ترامپ رەھبەرلىكىدىكى ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى ۋە پۇقرالىرىنى قوغداشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىران ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنى تىزگىنلەپ تۇرۇشىنى بىقارارلىق بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويماسلىقى كېرەك. ئىران پەيدا قىلغان يامان تەسىرگە قارشى تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز، ئىقتىسادىغا بېسىم ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز ۋە ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشىغا قەتئىي يول قويمايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر