تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام 10 ئەسكەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

نىگېرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام بىر ھەربىي بازىغا ھۇجۇم قوزغاپ 10 ئەسكەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

1231708
تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام 10 ئەسكەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا، تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان ھۇجۇمدا 10 ئەسكەر ئۆلدى.

دۆلەت تاراتقۇلىرىدا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە كۆرە، شەرقىي شىمالدىكى بورنو ۋىلايىتىگە قاراشلىق دامبو رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام، بىر ھەربىي بازىغا ھۇجۇم قىلىپ 10 ئەسكەرنىڭ جېنىغا زامىن بولۇپ 14 ئەسكەرنى يارىلاندۇرغان ۋە نۇرغۇن ئەسكەر يوقاپ كەتكەن.  

نىگېرىيەدە 2000-يىللاردىن بۇيان پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام،  2009-يىلدىن بېرى كەڭ كۆلەملىك تېررورلۇق قىلمىشى سادىر قىلىپ 20مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

تەشكىلات 2015-يىلدىن بۇيان نىگېرىيەگە قوشنا بولغان كامېرۇن، چاد ۋە نىگېر قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ تېررورلۇق قىلمىشى سادىر قىلىپ كەلدى، تەشكىلاتنىڭ چاد كۆلى ھاۋزىسىدا سادىر قىلغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىلا ئەڭ ئاز 2000 كىشى ئۆلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر