سۈرىيەدە پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ ھۇجۇمى جانغا زامىن بولدى
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتىروللۇقىدىكى مارېئا رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/پ ك ك تېررورچىلىرى تەرىپىدىن شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەك بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا بىر پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1231306

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىگىلىنىشىچە، پۇقرالار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان رايون نىشان قىلىنغان ھۇجۇمدا، بىر پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 3 پۇقرا يارىلانغان، يارىدارلار ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
تەل رىفئەت ۋە ئەتراپىغا ئورۇنلىشىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/پ ك ك تېررورچىلىرى پات - پات ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئەزىز، مارېئا، كەفەر كەلبىن ۋە جىبرىن رايونلىرىدىكى پۇقراۋى ئولتۇراق مەھەللىلىرى بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى نۇقتىلىرىغا ھۇجۇم قىلىدىكەن.