پۇتىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى ئەيىبلىدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن لىۋىيەنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسېرى يامانلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ جاۋابكارلىقىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئائىت ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ناتونى ئەيىبلىدى.

1230922
پۇتىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى ئەيىبلىدى
putin-mattarella.jpg
putin-conte.jpg
putin-papa.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇتىن دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن  يېتىپ بارغان ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمدا، كاتولىك دۇنياسىنىڭ روھانىي رەھبىرى ۋە ۋاتىكان دۆلەت رەئىسى پاپا فرەنسىس، پىرېزىدېنتى سېرگىئو ماتتارېللا ۋە باش مىنىستىرى گىئۇسېپپې كونتې قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى.

پاپا بىلەن پۇتىننىڭ ئۇچرىشىشىدا، سۈرىيە، ۋېنېزۇئېلا ۋە ئۇكرائىنا كىرىزىسلىرى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەر قاتارىدا مۇزاكىرە قىلىندى. ئۇچرىشىشتىن كېيىن پاپانىڭ پۇتىنغا «مېنى دۇئادا ياد ئېتىڭ قويۇڭ» دېيىشى ۋە ۋە پۇتىننىڭ  پاپاغا «ماڭا قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئاجراتقانلىقىىڭىز ئۈچۈن سىزگە كۆپتىن- كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن، ئۇچرىشىشىمىز ھەيران قالارلىق ۋە ناھايىتى مۇھىم ئىدى» تەرىقىسىدە ئىنكاس قايتۇرۇشى دىققەت قوزغىدى.

پۇتىن ئىتالىيە باش مىنىستىرى كونتې بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ئۆتكۈزگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا،  لىۋىيەنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسېرى يامانلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ جاۋابكارلىقىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئائىت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى، ھەمدە ناتونى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «لىۋىيەدە دۆلەتنى ۋەيران قىلغان ئامىل شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قارارى ئىدى. بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان،  ھەمە ياقنى قالايمىقانچىلىق ۋە ۋەيرانچىلىق قاپلاپ كەتكەن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇرۇش توختىتىلىشىنى ۋە تەرەپلەر ئارا دىيالوگ ئورنىتىلىپ، نورماللىشىش باسقۇچىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

رۇسىيەنىڭ قىرىم ۋە سىۋاستوپولنى قانۇنسىز ھالدا بېسىۋالغانلىقى سەۋەبلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇددىتىنى 2020 – يىلى 23 – ئىيۇنغىچە ئۇزارتقان ئېمبارگولار  توغرىلىقمۇ توختالغان پۇتىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن بىرلىكتە باشلىنىدىغان يېڭى باسقۇچتا، رۇسىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭمۇ يېڭىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئېمبارگولار سەۋەبىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىمۇ مىليونلارچە دوللارلىق زىيان تارماقتا، ئەمما ئېمبارگولارغا خاتىمە بېرىش پەقەت رۇسىيەگىلا باغلىق ئىش ئەمەستۇر.»

ئىتالىيە باش مىنىستىرى كونتې، لىۋىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش ۋە كۆچمەنلەر مەسىلىلىرىنىڭ ھەر ئىككى دۆلەت ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم ھەم ئەندىشىلىك مەسىلىلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «لىۋىيەدە ئەڭ تېز ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئورتاق قوللاۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر