غەززەدە بۈگۈنمۇ بۈيۈك قايتىش نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ

غەززەدە بۈيۈك قايتىش ۋە قورشاۋنى بۇزۇش يۈرۈشى ئالىي مىللىي ھەيئىتى كىشىلەرنى چېگرادا ئۆتكۈزۈلىدىغان «بۈيۈك قايتىش يۈرۈشى» نامايىشلىرىغا كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىشنى چاقىرىق قىلدى.

1230633
غەززەدە بۈگۈنمۇ بۈيۈك قايتىش نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدە بۈيۈك قايتىش ۋە قورشاۋنى بۇزۇش يۈرۈشى ئالىي مىللىي ھەيئىتى كىشىلەرنى چېگرادا ئۆتكۈزۈلىدىغان «بۈيۈك قايتىش يۈرۈشى» نامايىشلىرىغا كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىشنى چاقىرىق قىلدى.

ھەيئەتنىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، پەلەستىن دەۋاسىغا قارىتىلغان تۇزاقلارنى بىكارغا چىقىرىش ئۈچۈن ئەرەب ۋە ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن پەلەستىننىڭ ئورتاق مەيداندا بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

بۈيۈك قايتىش ۋە قورشاۋنى بۇزۇش يۈرۈشى ئالىي مىللىي ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى مۇھەممەد ئەل ھارازىن پىلان قىلىنغان تۇزاقلارنىڭ پەلەستىن دەۋاسى بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسىرائىلىيە بىلەن نورماللىشىش يوللىرىنىڭ ئېچىلىشىنىڭ، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بارلىق پايتەختلىرىنىڭ تەسلىم بولۇشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ پەلەستىن دەۋاسىنى كۈچەيتىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ، كىشىلەرنى بۈگۈن (5-ئىيۇل) ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىشلارغا كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىشقا چاقىردى.

پەلەستىنلىكلەر 2018-يىلى 30-مارتتىن بۇيان قورشاۋ ئاستىدا تۇرۇۋاتقان غەززەنىڭ ئىسىرائىلىيە چېگراسىدا «بۈيۈك قايتىش يۈرۈشى» نامىدا تىنچلىق خاراكتېرلىك نامايىشلارنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.

ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرى «سۈرگۈن قىلىنغان يۇرتلىرىغا قايتىشنى ۋە 2006-يىلىدىن تارتىپ غەززەگە ئىجرا قىلىنغان قورشاۋنى بىكار قىلىش» نى تەلەپ قىلغان خەلقنى ئوققا تۇتۇپ كەلمەكتە.

ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بىر يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان تىنچلىق خاراكتېرلىك نامايىشلارنى باستۇرۇشى جەريانىدا 200 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك شېھىد بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر