خوڭكوڭ ياشلىرى ئامالسىزلىقتىن نامايىشقا قاتناشقانلىقىنى ئېيتتى

دۈشەنبە (1-ئىيۇل) خوڭكوڭنىڭ خىتايغا ئكتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىگە 22 يىل بولغان كۈندە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار جەريانىدا پارلامېنتقا بېسىپ كىرگەن نامايىشچىلار، ئۆزلىرىنىڭ ئامالى يوقلۇقىدىن بۇ نامايىشقا قاتنىشىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتتى.

1230406
خوڭكوڭ ياشلىرى ئامالسىزلىقتىن نامايىشقا قاتناشقانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۆت نەپەر ياش نامايىشچى بىرلەشمە ئاگېنتلىقى (Associated Press) غا بايانات بېرىپ، خوڭكوڭ دائىرىلىرىنىڭ تەلەپلەرگە قۇلاق سېلىشنى رەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن چارىسىزلىك ئىچىدە پارلامېنتقا بېسىپ كىرگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 19 ياشلىق دايسى چەن (Daisy Chan) خەتەرلەرنى بىلىپ تۇرۇپ، نامايىشنى قوللىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

نامايىشچىلار نامايىش جەريانىدا، تارىخىي يادىكارلىقلارغا زىيان سالماسلىق ئۈچۈن ئالاھىدە دىققەت قىلغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈردى.

پارلامېنتتا جىنايەتچىلەرنى خىتايغا قايتۇرۇشنى ئاسانلاشتۇرىدىغان قانۇن چىقىرىشنى توختىتىش قارارىنى يېتەرلىك دەپ قارىمىغان ۋە قانۇن لايىھەسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق نامايىش قىلغان كىشىلەر، 1-ئىيۇل (دۈشەنبە) خوڭكوڭنىڭ «ئالاھىدە مەمۇرىي رايون» سۈپىتىدە خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىنىڭ 22 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان مەيدانغا قاراپ يۈرۈگەن ئىدى. ساقچىلار يوللارغا قويۇلغان توساقلاردىن ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتقان بولسا، نامايىشچىلار ساقچىلارغا تۇخۇم ۋە پورتاكال ئاتقان ئىدى.

پارللامېنت ئالدىدا جىم ئولتۇرۇۋېلىپ نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرگەن بىر گۇرۇپپا كىشىلەر، بىنانىڭ ئەينەك ئىشىكلىرىنى چېقىپ بىنانىڭ ئىچىگە كىرگەن ۋە بۇ سەۋەبتىن ماددىي جەھەتتە زىيان كۆرۈلگەن ئىدى. نامايىشچىلار يەنە، خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ گىرىبىنى بويىۋەتكەن ئىدى.

نامايىشلاردا 13 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر