ئاۋسترىيە تاماكا چېكىش چەكلىمىسىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتى

ئاۋسترىيە پارلامېنتى، رېستوران، چايخانىغا ئوخشاش يېپىق جايلارنىڭ ھەممىسىدە تاماكا چېكىشنى مەنئى قىلىشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

1229237
ئاۋسترىيە تاماكا چېكىش چەكلىمىسىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پارلامېنت ئومۇمىي كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىنغان تاماكا چېكىشنى چەكلەش لايىھەسى، پارلامېنتتا ئەزاسى بار 5 پارتىيەدىن تۆتىنىڭ قوللاپ بېلەت تاشلىشى بىلەن قوبۇل قىلىندى. لايىھەگە يېمەك – ئىچمەك ساھەسىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ پەقەت ئاشقۇن ئوڭچى ئىدىيەدىكى ئاۋسترىيە ئەركىنلىك پارتىيەسى قارشى چىقتى.

ئىگىلىنىشىچە، 1 – نويابىردا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىدىغان چەكلىمە، ھەرتۈرلۈك چېكىملىك بىلەن بىرلىكتە ئېلېكتىرونىك تاماكا ۋە چىلىم تارتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. يېڭى قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشى بىلەن بىرلىكتە تاماكا چېكىشكە بولىدىغان ئايرىمخانىلىرى بولغان رېستوران ۋە چايخانىلارغا ئوخشاش يېپىق ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىدە تاماكا چېكىش چەكلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر