ئىسرائىلىيە كۈچلىرى نۇرغۇن پەلەستىنلىكنى قولغا ئالدى

ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 15 پەلەستىنلىكنى قولغا ئالدى.

1229656
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى نۇرغۇن پەلەستىنلىكنى قولغا ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا يېرىم كېچىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋامىدا، «تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ 15 پەلەستىنلىك قولغا ئېلىنغان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە شەرقىي قۇددۇستا دائىم دېگۈدەك ئۆيلەرنى ئاختۇرۇپ، تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن پەلەستىنلىكلەرنى قولغا ئالىدىكەن. ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە شەرقىي قۇددۇستا پەلەستىنلىكلەرنى قولغا ئېلىش  ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، ئاياللار ۋە بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ بىر قىسمى  كۈنلەرچە نازارەت ئاستىدا تۇتۇلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر