رۇسىيە ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسىدىكى مەجبۇرىيىتىنى توڭلىتىپ قويدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسىدىن چېكىنىشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالىدى.

1229616
رۇسىيە ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسىدىكى مەجبۇرىيىتىنى توڭلىتىپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇتىن تەرىپىدىن ئىمزالانغان قانۇن لايىھەسىدە كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيە ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسىدىكى مەجبۇرىيىتىنى توڭلىتىپ قويغان.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 1987 – يىلى سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى بىلەن ئىمزالىغان 500 كىلومېتىر بىلەن 1500 كىلومېتىر مۇساپىگە يېتىپ بارالايدىغان يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى چەكلەشنى مەزمۇن قىلىدىغان «ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى» دىن بىر تەرەپلىمە ھالدا چېكىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

ئامېرىكىنىڭ قارارىدىن كېيىن پۇتىنمۇ ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسىدە كۆرسىتىلگەن مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشنى توڭلىتىپ قويۇشنى مەزمۇن قىلغان بىر قارارنامىنى ئىمزالىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر