پېسكوۋ: ئوت كەتكەن سۇ ئاستى پاراخۇتقا ئالاقىدار مەلۇماتلار رۇسىيەنىڭ دۆلەت سىرىدۇر

دىمىترىي پېسكوۋ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ سۇ ئاستى تەكشۈرۈش پاراخۇتىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىگە ئالاقىدار پۈتۈن مەلۇماتلاردىن تولۇق خەۋىرى بارلىقىنى ئېيتتى.

1229564
پېسكوۋ: ئوت كەتكەن سۇ ئاستى پاراخۇتقا ئالاقىدار مەلۇماتلار رۇسىيەنىڭ دۆلەت سىرىدۇر

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق سارىيى باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ رۇسىيە سۇ ئاستى تەكشۈرۈش پاراخۇتىدا يۈز بەرگەن ۋە 14 نەپەر دېڭىز ئارمىيەسى خادىمىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان ئوت ئاپىتىگە ئالاقىدار بەزى مەلۇماتلارنىڭ دۆلەت سىرى ئىكەنلىكىنى ۋە ئېلان قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىمىترىي پېسكوۋ مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ 14 نەپەر رۇسىيە دېڭىز ئارمىيە خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئوت ئاپىتىگە ئالاقىدار پۈتۈن مەلۇماتلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

دىمىترىي پېسكوۋ ئوت ئاپىتىگە ئالاقىدار بەزى مەلۇماتلارنىڭ خەلق ئاممىسىغا بىلدۈرۈلمەسلىكىنىڭ ئىنتايىن نورمال ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئوت ئاپىتىگە ئالاقىدار بەزى مەلۇماتلار دۆلەت سىرىدۇر ۋە ئېلان قىلىنمايدۇ. دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك مەنپەئەتى نۇقتىسىدىن بەزى مەلۇماتلارنىڭ سىر تۇتۇلىشى <قانۇنسىز بىر ئىشلار بار> دېگەنلىك بولمايدۇ» دېدى.

دىمىترىي پېسكوۋ «ئوت كەتكەن سۇ ئاستى پاراخوتتا يادرولۇق رېئاكتور بار» دېگەن سۆزلەرگىمۇ جاۋاب بېرىپ، «بۇ رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تېمىسى» دېدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن تۈنۈگۈن ئېلان قىلنىغان يازما باياناتتا، رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسى ئۈچۈن تىنچ ئوكياندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان سۇ ئاستى تەكشۈرۈش پاراخوتىدا 1 - ئىيۇل كۈنى ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

بىيومېتىرلىق ئۆلچەملەر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پەيتتە پاراخوتقا ئوت كېتىپ، 14 دېڭىز ئارمىيە خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىغا چىققان بەزى خەۋەرلەردە بولسا، «لوشارىك» دېگەن نام بىلەن بىلىنىدىغان ۋە يادرو ئېنېرگىيە بىلەن ماڭىدىغان دېڭىز ئاستى ئىستىخبارات پاراخوتىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر