ھەفتەر كۈچلىرى كۆچمەنلەرگە ھۇجۇم قىلدى

لىۋىيەدە گېنېرال خەلىفە ھەفتەر كۈچلىرىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ترابلۇسنىڭ شەرقىدىكى تەرتىپسىز كۆچمەنلەر تۇرۇۋاتقان بىر لاگېرنى بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە 30 دىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1229517
ھەفتەر كۈچلىرى كۆچمەنلەرگە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە مىللىي كېڭەش ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى فەۋزى ئۇنەييىسنىڭ ئېيتىشىچە، گېنېرال خەلىفە ھەفتەر كۈچلىرىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، تاجۇرا رايونىدىكى تەرتىپسىز كۆچمەنلەر قېلىۋاتقان لاگېرنى بومباردىمان قىلغان، ھۇجۇمدا 30 دىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، كۆپ ساندا كىشى يارىلانغان.

ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، لاگېردا ئافرىقا، مىسىر ۋە جەنۇبىي ئاسىياغا جايلاشقان باڭلادېش رايونىدىن كەلگەن تەرتىپسىز كۆچمەنلەر تۇرىدىكەن.

تەرتىپسىز كۆچمەنلىككە قارشى  كۈرەش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ئەلمەبرۇك ئابدۇلھافىزنىڭ لىۋىيەنىڭ «‹ئەلئەھرار› تېلېۋىزىيە قانىلى» غا بەرگەن باياناتىدا قەيت قىلىشىچە، ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان لاگېردا تەخمىنەن 120 تەرتەپسىز كۆچمەن بار ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ لاگېر لىۋىيە مىللىي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق ئەددامان ئەترىتىگە ئائىت ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر