ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىيوردانىيەلىك پارلامېنت ئەزاسىنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىدى

ئىيوردانىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى ھۇدا ئەلئاتۇم ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغانلىقىنى ۋە بۇ ئىشنىڭ يۇقىرىدىن كەلگەن بۇيرۇققا بىنائەن بولغانلىقىنى ئېيتتى.

1228492
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىيوردانىيەلىك پارلامېنت ئەزاسىنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇدا ئەلئاتۇم شەنبە كۈنى كەچتە ئىيوردانىيە پارلامېنتى ھەيئىتى بىلەن ياپونىيەدىن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە بارماقچى بولغاندا، ئۆزىنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە كىرىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئايرودورۇمدىكى بىخەتەرلىك خادىملىرىدىن بىرسى يېنىمغا كېلىپ، ياختۇرلمايدىغان كىشى ئىكەنلىكىمنى ۋە دەرھال ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتتى. سەۋەبىنى سورىدىم. مەزكۇر بىخەتەرلىكنى ساقلاش خادىمى يۇقىرىدىن كەلگەن بۇيرۇققا بىنائەن ھەرىكەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى» دېدى.

ھۇدا ئەلئاتۇم ئايرودورۇم خادىمىغا ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقىنى ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكىگە قارشى ھېچقانداق پوزىتسىيە ياكى پائالىيەتتە بولمىغانلىقىنى، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ئىيوردانىيە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكى دوستلۇق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «بۇ يۈز بەرگەن ئىشلار ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئىيوردانىيەگە زورلاپ تاڭغان بۇرۇنقى بېسىملىرىدىن كېلىپ چىقتماقتا. ئايالىم ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكىدە 18 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ئىدى. بىراق مەن ئىيۇردانىيە پارلامېنتىدىكى دۆلەتلىك ئىسلاھات ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغاندىن كېيىن ئايالىم ئىشتىن بوشىتىلغان ئىدى» دېدى.

ئىيوردانىيە پارلامېنت ئەزاسى ھۇدا ئەلئاتۇم ئىيوردانىيەدە 2016يىلى ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردىن كېيىنمۇ ئۆزىنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە بارغانلىقىنى، شۇ چاغدا ساقچى ئىدارىسىغا چاقىرىتىپ، ئۆزىدىن «نېمە ئۈچۈن (ئىسلامىي ئېقىمغا مەنسۇپ) دۆلەتلىك ئىسلاھات ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغانلىقىنى سورىغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ ئىيۇردانىيەدىكى تارمىقى ھېسابلىنىدىغان ئىسلامىي خىزمەت فىرونتىنىڭ باش كاتىبى مۇراد ئەل ئادايىلە بولسا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ بۇ قىلمىشىدا قەستەنلىك بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مەسئۇللىرى تېخىچە ۋەقە ھەققىدە بايانات ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر