ترامپ: ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش جەھەتتە ئەندىشىلىرىم بار

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشى مەسىلىسىدە ئەندىشە قىلىدىغان نۇقتىلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

1228791
ترامپ: ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش جەھەتتە ئەندىشىلىرىم بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ ئامېرىكا فوكس خەۋەرلەر قانىلى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى جەريانىدا، ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈش پىلانىنى ئىجرا قىلىشقا توسالغۇ بولىدىغان بىر قاتار مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا بۇ قېتىممۇ ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان ترامپ، «ئەسكەرلىرىمىزنى چېكىندۈرۈشنى خالايمەن، بىراق (چېكىنىشتىن ئىلگىرى) ئۇ يەردە ناھايىتى كۈچلۈك بىر ئىستىخبارات قالدۇرىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

«ئۇ يەردە يوشۇنۇرۇشقا بولىدىغان نۇرغۇن جاي بار. (ئۇ يەر) تېررورچىلارغا نىسبەتەن گويا بىر تەجرىبىخانا. مەن ئۇ يەرنى تېررورچىلارنىڭ خارۋاردى دەيمەن» دېگەن ترامپ، ئافغانىستاندىن تەييارلىقلارنى تولۇق قىلماي تۇرۇپ چىقىپ كېتىلگەن تەقدىردە، دۆلەتتە «تېررورچى ئۇنسۇرلار» نىڭ كۈچىيىپ ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلىش زېمىنىغا ئىگە بولۇشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەتكە نىسبەتەن ئېغىر خەۋپ پەيدا قىلىۋاتقان تالىبان تەشكىلاتى ھازىرمۇ دۆلەتنىڭ كۆپلىگەن رايونلىرىدا ھۆكۈم سۈرمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر