ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى جانغا زامىن بولدى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا قوراللىق زوراۋانلارنىڭ  دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالدىدا بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىلنى پارتلىتىشى ۋە ئارقىدىنلا قوراللىق ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە  3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، كەم دېگەندە 105 كىشى يارىلاندى.

1228240
ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى جانغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى نەسرەت راھىمى، قوراللىق زوراۋانلارنىڭ ئەتىگەن تەرەپلەردە ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى پۇلى مەھمۇد خان رايونىغا جايلاشقان شەھەر مەركىزىدىكى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئارقا سەپ تەمىناتى ۋە ئىنژېنېرلىق مىنىستىرلىقى  بىناسىنىڭ ئالدىدا  بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىلنى پارتلاتقانلىقىنى، ئارقىدىنلا بىناغا بېسىپ كىرىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن توقۇنۇشقانلىقىنى ئەسكەرتتى، ھۇجۇمدا 3 پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئافغانىستان سەھىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاھىد مايارنىڭ ئېيتىشىچە، شەھەر مەركىزىدە  كەڭ ساھەدە ئاڭلانغان قاتتىق پارتلاش سەۋەبىدىن دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا 26 سى نارىسىدە بالا، 5 ى ئايال بولۇپ،  105  كىشى يارىلانغان، پارتلاشتىن كېيىن قوراللىق بىر گۇرۇپپا زوراۋان مىنىستىرلىق بىناسى ۋە ئەتراپىغا ھۇجۇم قىلغان، ئافغانىستان ساقچىلىرى بىلەن دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى رايوننى كونتىرول ئاستىغا ئالغان بولۇپ، توقۇنۇش داۋاملاشماقتا ئىكەن.

بۇ ئارىلىقتا، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تالىبان ئۆز ئۈستىگە ئالغان.

ئىگىلىنىشىچە، ھۇجۇمنىڭ تالىبان ۋەكىللىرىنىڭ قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر مەزگىلدە يۈز بېرىشى دىققەت قوزغايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر