ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا يارىلانغانلار سانى كۆپەيدى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا قوراللىق زوراۋانلارنىڭ  دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالدىدا بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىلنى پارتلىتىشى ۋە ئارقىدىنلا قوراللىق ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە كەم دېگەندە 65 كىشى يارىلاندى.

1227958
ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا يارىلانغانلار سانى كۆپەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى نەسرەت راھىمى، قوراللىق زوراۋانلارنىڭ ئەتىگەن تەرەپلەردە شەھەر مەركىزىدىكى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئارقا سەپ تەمىناتى ۋە ئىنژېنېرلىق مىنىستىرلىقى  بىناسىنىڭ ئالدىدا  بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىلنى پارتلاتقانلىقىنى، ئارقىدىنلا بىناغا بېسىپ كىرىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن توقۇنۇشقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئافغانىستان سەھىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاھىد مايارنىڭ ئېيتىشىچە، شەھەر مەركىزىدە  كەڭ ساھەدە ئاڭلانغان قاتتىق پارتلاش سەۋەبىدىن دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا 65 كىشى يارىلانغان، پارتلاشتىن كېيىن قوراللىق بىر گۇرۇپپا زوراۋان مىنىستىرلىق بىناسى ۋە ئەتراپىغا ھۇجۇم قىلغان، ئافغانىستان ساقچىلىرى بىلەن دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى رايوننى كونتىرول ئاستىغا ئالغان بولۇپ، توقۇنۇش داۋاملاشماقتا ئىكەن.

بۇ ئارىلىقتا، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تالىبان ئۆز ئۈستىگە ئالغان.

ئىگىلىنىشىچە، ھۇجۇمنىڭ تالىبان ۋەكىللىرىنىڭ قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر مەزگىلدە يۈز بېرىشى دىققەت قوزغايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر