ترامپ كىم جوڭئۇن بىلەن قورالسىزلاندۇرۇلغان رايوندا كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

جەنۇبىي كورېيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇن بىلەن جەنۇبىي كورېيە – شىمالىي كورېيە چېگراسىدىكى قورالسىزلاندۇرۇلغان رايوندا كۆرۈشىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

1227366
ترامپ كىم جوڭئۇن بىلەن قورالسىزلاندۇرۇلغان رايوندا كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە چاقىرىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن جەنۇبىي كورېيەگە بارغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائې-ئىن بىلەن سېئۇلدا كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان ترامپ، ئالاقىدار خادىملارنىڭ ئاخىرقى تەييارلىقلىرىنى پۈتكۈزگەنلىكىنى ئېيتتى.

ترامپ، مۇن بىلەن بىرلىكتە «قورالسىزلاندۇرۇلغان رايون» غا بارىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، «DMZ غا بېرىپ، ئۇ يەردە شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشىمىز. بىر – بىرىمىزنى چۈشىنىمىز. ئېمبارگولار ھازىرمۇ يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ، ئالدراشچىلىقىم يوق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ترامپ ئۇچرىشىشنىڭ مۇددىئاسىغا ئالاقىدار بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «پەقەت قول ئېلىشىپ مەرھابا دېيىشىمىز. چۈنكى ۋىيېتنامدىكى ئۇچرىشىشتىن بۇيان بىر – بىرىمىزنى كۆرمىدۇق» دېدى.

20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ياپونىيەگە بارغان ترامپ، ئۇ يەردە شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان، شىمالىي كورېيە ترامپنىڭ تەكلىپىگە «ناھايىتى قىزىقارلىق بىر تەكلىپ» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى.

ترامپنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن بايانات بېرىپ، كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئىشقا ئاشقۇسى ئۇچرىشىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر