ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدە بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدە ئىككى رايوندا بىرلا ۋاقىتتا بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، بىر كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 10 كىشى يارىلاندى.

1226616
ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدە بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىخەتەرلىك ئىشلىرى باشقارمىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، كەركۈك شەھەر مەركىزىدىكى ھەزرا ۋە راس ئەلجىس مەھەللىلىرىدە ئىلگىرى يولغا تۇزاق قۇرۇپ كمۈپ قويۇلغان بومبىلار يولۇچىلار مىنىبۇسى ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا پارتلىغان.

تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان بۇ ئىككى ۋەقەدە، بىر پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 10 پۇقرا يارىلانغان.

ئىراقنىڭ كۈركۈك شەھىرىنىڭ ھەرقايسى نۇقتىلىرىدا ئۆتكەن ماي ئېيىدىمۇ ئارقىمۇئارقا 6 قېتىم بومبا ھۇجۇملىرى يۈز بەرگەن، جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالغان بۇ ھۇجۇملاردا 4 كىشى قازا قىلغان، 15 كىشى يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر