ۋېنېزۇئېلادا يەنە بىر قېتىملىق ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاش پىلانى مەغلۇب بولغان

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ئالدى ئېلىنغان يېڭى ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاش ھەرىكىتىنىڭ ئارقىسىدىكى گۇرۇپپىنىڭ پاش قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

1226328
ۋېنېزۇئېلادا يەنە بىر قېتىملىق ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاش پىلانى مەغلۇب بولغان
nicolas maduro.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 23-24-ئىيۇن كۈنلىرى ۋېنېزۇئېلادا بىر يېڭى ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاش ھەرىكىتى يۈز بەردى، بىراق خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ تەدبىرلىرى بىلەن مەغلۇب قىلىندى.

نىكولاس مادۇرو پىرېزىدېنتلىق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتتە، 23-24-ئىيۇن كۈنلىرى پىلان قىلىنغان ۋە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن ئالدى ئېلىنغان ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشى توغرىسىدا: «ۋېنېزۇئېلا خەلقىگە ۋە دېموكراتىيەسىگە قارشى ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغان بىر تېررورىست گۇرۇپپىنى پاش قىلدۇق ۋە تۇتتۇق. جىنايەتچىلەر 14 ئاي داۋاملاشقان رازۋېدكا نەتىجىسىدە تۇتۇلدى ۋە تۈرمىگە سولاندى» دېدى.

ئۇ ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغىماقچى بولغانلارنىڭ ئامېرىكا ۋە كولومبىيەنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىسىرائىلىيەلىكلەرنىڭ بارلىقىنى، ئۆزىگە سۈيىقەست قىلىشنى، دۆلەتنىڭ تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت ئۇل-ئەسلىھەلىرىگە بومبا ھۇجۇمى قىلماقچى بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يېڭى ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشىغا ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرلىك جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:

«بۇنى بىر ئاگاھلاندۇرۇش ياكى تەھدىت سېلىش دەپ قالماڭلار، ئەگەر ھەربىي ئۆزگىرىش يۈز بەرسە، پەقەتلا ئولىگارشى ۋە بارلىق فاشىستىك قاتلاملارنىڭ ئىمتىيازلىرى ئاخىرلىشىدىغان تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە تېخىمۇ كەسكىن بولغان ئىنقىلاب پارتلايدۇ. فاشىستىك ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشىغا، رەھىمسىزلەرچە ئىنقىلابىي ھۇجۇم بىلەن جاۋاب قايتۇرىمىز.»

ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى خورخې رودرىگېز (Jorge Rodriguez) ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئارىسىدا ۋېنېزۇئېلالىق پېنسىيونىر ئەسكەرلەر، ئىسىرائىلىيەلىكلەر ۋە كولومبىيەلىكلەردىن تەشكىللەنگەن ۋە ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن ئىسيانچىلار، 23-24-ئىيۇندا قوزغىماقچى بولغان ھەربىي ئۆزگىرىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتسىزلىك بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

رودرىگېز ئىسيانچىلارنىڭ بىر گۇرۇپپىسىغا دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىدە ياشايدىغان ۋېنېزۇئېلالىق پېنسىيونىر گېنېرال خورسى بائىز توررېلۋا (Jose Baez Torrealba) نىڭ باشچىلىق قىلغانلىقىنى؛ بۇ گۇرۇپپىنىڭ پىرېزىدېنت مادۇرو، ۋېنېزۇئېلا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى ۋە ھازىرقى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ۋېنېزۇئېلا بىرلەشمە سوتسىيالىست پارتىيەسى (PSUV) نىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى دىيوسدادو كابېييو (Diosdado Cabello) نى ئۆلتۈرۈشنى پىلان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

رودرىگېز مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ تېلېفون سۆھبەتلىرىنى ۋە ۋىدېئو كونفېرانس كۆرۈنۈشلىرىنى تارقىتىپ، بەزى ئىسيانچىلارنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر