تۇنىستا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۇنىسنىڭ پايتەختىدە بىر ساقچى ئاپتوموبىلى ئادەم بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

1226261
تۇنىستا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنى كۆرگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پايتەخت مەركىزىدە ئورۇن ئالغان ھەبىب بۇرگىبا كوچىسى بىلەن چارلېس دې گائۇللې كوچىسى كېسىشىدىغان نۇقتىدا بىر ساقچى ئاپتوموبىلى ئادەم بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ ۋەقەگە يۈز بەرگەن جايغا يېقىن يەردىكى بىر مۇخبىرى پارتلاش ئاۋازىنى ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيەنىڭ تۇنىستىكى ئەلچىخانىسىغا 150 مېتىر يىراقلىقتىكى ۋەقە يۈز بەرگەن جاي «پايتەختنىڭ قەلبى» ئاتىلىدۇ.

تۇنىس ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، پايتەختتىكى تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىسىملىرى ئىدارىسىنىڭمۇ ئادەم بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر