دونالد ترامپنىڭ مۇسۇلمانلارغا ۋىزا چەكلىمىسى قويۇش بەلگىلىمىسىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ مۇسۇلمانلارغا ۋىزا چەكلىمىسى قويۇش بەلىگىلىمىسىنىڭ ئالىي سوتتا تەستىقلانغانلىقىغا بىر يىل توشقان پەيتتە، چەكلىمىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

1225938
دونالد ترامپنىڭ مۇسۇلمانلارغا ۋىزا چەكلىمىسى قويۇش بەلگىلىمىسىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى «CAIR» تەرىپىدىن ئامېرىكا پالاتاسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا ئامېرىكا ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئامېرىكا پالاتاسىنىڭ تۇنجى مۇسۇلمان پارلامېنت ئەزاسى ئىلخان ئۆمەر قاتارلىق نۇرغۇنلىغان پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئوخشاش بولمىغان ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. 

ئامېرىكا ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى دىرېكتورى ئىبراھىم ھوپېر سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، ئالىي سوت قىسمەن تەستىق سالغان دونالد ترامپنىڭ مۇسۇلمانلارغا ۋىزا چەكلىمىسى قويۇش بەلگىلىمىسىنىڭ قەتئىي قوبۇل قىلارلىقى يوقلۇقىنى ۋە بۇ چەكلىمە ئەمەلدىن قالغانغا قەدەر كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ تۇنجى مۇسۇلمان ئەزاسى ئىلخان ئۆمەرمۇ دونالد ترامپنىڭ ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش ئېقىمىغا ھەسسە قوشىدىغان نۇرغۇن قەدەملەرنى تاشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «سايلامدىن ئىلگىرى دونالد ترامپنىڭ قىلغان ۋەدىلىرىنىڭ بىرسى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى پۈتۈنلەي چەكلەش ئىدى. شۇڭلاشقا بۇنىڭ مۇسۇلمانلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان بىر چەكلىمە ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بۇ چەكلىمىنىڭ دۆلىتىمىزگە سالغان زىيىنىنى جىددىي ئويلىشىش كېرەك» دېدى.

ئىلخان ئۆمەر دونالد ترامپنىڭ كۆچمەنلەرگە قاراتقان سىياسەتلىرىگىمۇ ھەرگىز سۈكۈت قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

نامايىشچىلار بۇ چەكلىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئائىلىلەرنىڭ خاتىرىسى سۈپىتىدە، پالاتانىڭ ئالدىدىكى بەلگىلەنگەن جايغا نۇرغۇن ساندا لوزىنكىلارنى ئاستى ۋە چەكلىمىگە قاتتىق نازارىلىق بىلدۈردى.

دونالد ترامپنىڭ ۋەزىپىگە ئۆلتۈرغان دەسلەپكى كۈنلەردە ماقۇللىغان مۇسۇلمانلارغا قارىتا تۇنجى ۋىزا چەكلىمىسىنى ئىجرا قىلىشى 9سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن توختىتىلغان بولۇپ، ئىككىنچى چەكلىمىسىمۇ سوتتا توختاپ قالغان ۋە ئۈچىنچى چەكلىمىسىگە يۇقىرى سوت «دۆلەت ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ» دەپ باھا بەرگەن ئىدى. بىراق ئاخىرىقى قەدەمدە ئالىي سوت ترامپنىڭ چەكلىمە قارارىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى تەسىتىقلىغان ئىدى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر