ئىران: يادرو كېلىشىمى ھەققىدە قايتا سۆھبەت ئۆتكۈزمەيمىز

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى يادرو كېلىشىمى مەسىلىسىدە قايتا سۆھبەت ئۆتكۈزمەيدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1225527
ئىران: يادرو كېلىشىمى ھەققىدە قايتا سۆھبەت ئۆتكۈزمەيمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، رۇھانى بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون تېلېفوندا كۆرۈشكەن، تېلېفون سۆھبىتىدە، رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

ئىراننىڭ قايتىشى بولمىغان بىر قەدەمنى تاشلىمايدىغانلىقىنى، يادرو كېلىشىمىگە 1+4 دۆلەتلىرى (خىتاي، رۇسىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيە) نىڭ رىئايە قىلىپ كېلىۋاقانلىقىنى ئەسكەرتكەن رۇھانى، ئىراننىڭ نېفىت سېتىشى بىلەن بانكىچىلىق مۇناسىۋەتلىرى نۇقتىسىدا مەنپەئەتلىرى كاپالەت ئاستىغا ئېلىنغىنىدا، ئەھۋالنىڭ ئىزىغا  چۈشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىرانغا قاراتقان بارلىق ئېمبارگولارغا خاتىمە بەرمىگۈچە شەرت – شارائىتلارنىڭ ئۆزگىرىشى مۇمكىن ئەمەس. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇدا ئىككى يىل داۋاملاشقان مۇزاكىرىلەر نەتىجىسىدە تۈزۈلگەن كېلىشىم ھەققىدە قايتا سۆھبەت ئۆتكۈزمەيمىز.»

ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىدىن پايدىلىنالمىغان تەقدىردە، بۇ كېلىشىمنىڭ 26 – ۋە 36 – ماددىلىرىغا ئاساسەن ۋەدىلىرىنى قەدەممۇقەدەم ئازايتىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن رۇھانى، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «رايوندا سۈركىلىشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە شىددەتلىنىشىنىڭ ئەسلى جاۋابكارى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھۆكۈمىتىدۇر.»

ئىراننىڭ رايوندىكى سۈركىلىشنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھېچقانداق بىر دۆلەت بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان رۇھانى، بىخەتەرلىكنى قوغداش يولىدا ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقلىرىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق شۇنداق قىلىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىشى، ئىرانغا ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈشكە باشلىشى ۋە ئېمبارگولارمنىڭ دائىرىسنى كېڭەيتىشىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «فىرانسىيە يادرو كېلىشىمىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك كۈچكە ئىگە بولۇشى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇزاكىرىچى دۆلەتلەرنى قايىل قىلىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق شۇنداق قىلىدۇ. سۈركىلىشنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشى ۋە رايوندا ئىغۋاگەرلىك تۈسىنى ئالغان قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بارلىق تەرەپلەرنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش مەجبۇرىيىتى باردۇر. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تاشلىغان كۆپلىگەن قەدەملىرى ۋە چىقارغان قارارلىرى ئىچكى جامائەتچىلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر