ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئافغانىستاندا زىيارەتتە بولدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئافغانىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.

1225529
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئافغانىستاندا زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پومپېيو ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا ئېلىپ بارغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى جەريانىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كابۇل باش ئەلچىخانىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، دۆلىتىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئافغانىستاننىڭ ساقلىنىۋاتقان  بارلىق مەسىلىلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، شۇڭا تالىباننى بىۋاسىتە ئافغانىستان دائىرىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قايىل قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تالىبان بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تىنچلىق سۆھبەتلىرىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى،  ئالدىمىزدىكى 3 ئاي ئىچىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بارلىق مۇزاكىرىلەر توغرۇلۇق ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە مەلۇمات بېرىلىۋاتقان بولۇپ، تىنچلىق سۆھبەتلىرىدە ھېچقانداق بىر مەسىلىنىڭ مەخپىي تۇتۇلۇۋاتقىنى يوق. پاكىستاننىڭمۇ ئافغانىستاندا تىنچلىق ئورنىتىلىشىنى قوللىشىنىڭ دەل ۋاقتى يېتىپ كەلدى. دەرۋەقە، رايوننىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن پاكىستاننىڭ ئوينايدىغان رولى ناھايىتى مۇھىمدۇر، شۇڭا، پاكىستاننىڭ بۇ ھەقتە ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىشىنى كۈتۈۋاتىمىز. ئەگەر تالىبان بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈلسە، رايون دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن پايدىلىق بولىدۇ. ئىرانمۇ شۇنى چۈشىنىشى كېرەككى، ئافغانىستاندا تىنچلىق مۇساپىسىغا توسالغۇ بولۇشقا ئۇرۇنۇش ئەسلىدە ئىران دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىگە پايدىسىزدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر