ئافغانىستاندا ساقچى ئىدارىسى باشلىقى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئافغانىستاننىڭ غەزنە ۋىلايىتىدە قىلىنغان بومبا ھۇجۇمىدا گوھيانى ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسى باشلىقى قادىر شاھ ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1225738
ئافغانىستاندا ساقچى ئىدارىسى باشلىقى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەزنە ۋالىي مەھكىمىسى باياناتچىسى ئارىف نۇرى ئاخباراتقا ئېلان قىلغان باياناتىدا، غەزنە مەركىزىگە يىقىن يول ياقىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبىنىڭ ساقچى ئىدارسى باشلىقى قادىر شاھ ئولتۇرغان ئاپتومۇبىل ئۆتۈۋاتقان پەيتتە پارتىلىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

 ھۇجۇمدا ساقچى ئىدارسى باشلىقى قادىر شاھ بىلەن بىر قوغدىغۇچىسىنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە 3 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تالىبان ئۆز ئۈستىگە ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر