تېھران: ھامانېيغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلۈشى ئىران خەلقىگە قىلىنغان ھاقارەت

ئىران ھۆكۈمەت باياناتچىسى ئەلى رەبى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئەلى ھامانېي نىشان قىلىنغان ئېمبارگولارنىڭ «ئىران خەلقىگە بىۋاسىتە ھاقارەت قىلغانلىق» بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1225617
تېھران: ھامانېيغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلۈشى ئىران خەلقىگە قىلىنغان ھاقارەت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەبى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋاشىنگتوننىڭ ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئەلى ھامانېي ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىفنى «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈشىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «دىىي رەھبىرىمىز ئەلى ھامانېيغا ئېمبارگو يۈزگۈزگەنلىك، بىۋاسىتە ئىران خەلقىگە ھاقارەت قىلغانلىقتۇر، ئەقىل پاراسەتتىن خالىي ۋە چۈشىنىكسىز بۇ ئېمبارگولارنىڭ دۆلىتىمىزگە نىسبەتەن ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ، ئەكسىچە ئىران خەلقىنىڭ مىللىي ھېس – تۇيغۇلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئويغىتىدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ مۇزاكىرە تەكلىپىنى سۇنۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغان ئىران دائىرىلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. دەرۋەقە مۇزاكىرىچىلەرگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش، مۇزاكىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىفكە ئېمبارگو يۈرگۈزۈلۈشى، ئەسلىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيىتىنىڭ سەمىمىي ئەمەسلىكىنى، ب گۇرۇپپىسى (ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جون بولتون باشچىلىقىدىكى گۇرۇپپا) نىڭ بىزنىڭ مەنتىقىلىك دىپلوماتىيەمىزدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.»

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئەلى ھامانېينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە تېھرانغا يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈشكە باشلىغانىدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرى ستېۋېن منۇچىن، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىفنىڭمۇ مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر