دۇنيا بانكىسى تۈركىيەنىڭ ئىجتىمائىي ياردەم پىروگراممىسىغا يۇقىرى باھا بەردى

دۇنيا بانكىسى تۈركىيەدە مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىشنى مەقسەت قىلىپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىجتىمائىي ياردەم پىروگراممىسىغا يۇقىرى باھا بەردى.

1225182
دۇنيا  بانكىسى تۈركىيەنىڭ ئىجتىمائىي ياردەم پىروگراممىسىغا يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا بانكىسى تۈركىيەدىن پاناھلىق تىلىگەن چەت ئەللىكلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىجتىمائىي ياردەم  پىروگراممىسىغا يۇقىرى باھا بەردى.

دۇنيا بانكىسىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا تۈركىيە ئائىلە، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلەر مىنىستىرلىقىنىڭ دۇنيا ئاشلىق پىروگراممىسى ئىشخانىسى ۋە تۈرك قىزىلئاي جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان، شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىشىغا ئېرىشكەن ياردەم پىروگراممىلىرى دائىرىسىدە تۈركىيەدىن پاناھلىق تىلىگەن چەت ئەللىكلەر ئىچىدىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئېھتىياجلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا ھەل بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

تۈركىيەنىڭ 3 مىلىيون 600 مىڭى سۈرىيەلىك بولۇپ، ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشلا تۈپەيلى يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاشقا مەجبۇر بولغان 4 مىليونغا يېقىن مۇساپىرغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن دوكلاتتا، ئىجتىمائىي ياردەم پىروگراممىسىنىڭ مۇساپىرلار ئىچىدىكى ئەڭ نامرات %40 ئائىلىنىڭ تۈرلۈك تۇرمۇش ئېھتىياجلىرىنى قامداشنى مەقسەت قىلغانلىقى بايان قىلىندى.

دوكلاتتا دۇنيا بانكىسىنىڭ «تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى مۇساپىرلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك ئىجتىمائىي خىزمەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىمۇ» ئەسكەرتىلدى.

ئىجتىمائىي ياردەم پىروگراممىسى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان مۇساپىرلار ئىچىدە ياردەمگە ئەڭ ئېھتىياجلىق ئائىلىلەرگە نەق پۇل ياردەم قىلىشتىن سىرت ئوزۇقلۇق، قونالغۇ ۋە كىيىم-كىچەككە ئوخشاش ئاساسلىق ئېھتىياجلىرىنى قامداشنى مەقسەت قىلىدۇ.

پىروگرامما دائىرىسىدە مۇھتاج ئائىلىلەرگە ۋاكالىتەن ئېچىلغان بانكا ھېساۋاتلىرىغا ئايلىق پۇل سېلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر