تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك نىڭ ئازەزگە ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدا قوزغىڭچىلارنىڭ كونتىروللۇقىدىكى ئازەز ناھىيەسىگە قاراشلىق ئاھتارىن يېزىسىغا قىلىنغان ئىككى قېتىملىق بومبا ھۇجۇمىدا 2 كىشى يارىدار بولدى.

1224865
تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك نىڭ ئازەزگە ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاھتارىن يېزىسىدا ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىگە ئائىت بىر ئاپتومبىلغا ھەمدە يەرلىك پارلامېنت باشلىقىنىڭ خۇسۇسىي ئاپتوبىلىغا ئورۇنشلاشتۇرپ قويۇلغان بومبىلار ئارقىمۇ - ئارقىدىن پارتلىدى.

دەسلەپكى پارتلاشتا بىر پۇقرا، ئىككىنچى پارتلاشتا يەرلىك پارلامېنت باشلىقى خالىت دىبو يارىدار بولدى. يارىدارلار دەرھال دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈلدى.

ئامانلىقنى ساقلاش كۈچلىرى بۇ ھۇجۇمنى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك قىلغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك پات پات ئازەز، باب، جەرابلۇس ۋە ئافرىندىكى پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر