ماكرون ترامپنى ياۋروپاغا قارىتا پوزىتسىيەسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا چاقىردى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى ياۋروپاغا قارىتا پوزىتسىيەسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا چاقىردى.

1224866
ماكرون ترامپنى ياۋروپاغا قارىتا پوزىتسىيەسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماكرون «‹ New Yorker › ژۇرنىلى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېنىقسىزلىق بارلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: « بولۇپمۇ ترامپنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش باسقۇچىدىكى پوزىتسىيەسىگە نەزەر تاشلىسىڭىز، ئۇنىڭ قىيىن بىر باسقۇچنى قوللىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايسىز، مېنىڭچە ترامپ ياۋروپاغا قارىتا پوزىتسىيەسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشى لازىم.»  

مارسىليادا ئۆتكۈزۈلگەن «ئاقدېڭىز مۇنبىرى» يىغىنىدىن كېيىنمۇ بايانات ئېلان قىلغان ماكرون، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشتىن تولىمۇ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، فىرانسىيەنىڭ ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ سۈركىلىش يېقىنقى ھەپتىلەردىن بۇيان بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كەتتى، ھەر تۈرلۈك ھۇجۇمنى ياكى سۈركىلىشنى ئەيىبلەيمىز، ھەر ئىككى تەرەپنى داۋاملىق دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىمىز.»

مەسلىھەتچىسىنى ئۆتكەن ھەپتە ئىرانغا ئەۋەتكەنلىكىنى ۋە ياپونىيەدە چاقىرىلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ماكرون، رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشكە خاتىمە بېرىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر